مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

بۇ دۇنيا زادى كىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا؟‏

بۇ دۇنيا زادى كىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا؟‏

سىزنىڭچە .‏ .‏ .‏

  • خۇدانىڭمۇ؟‏

  • ئىنساننىڭمۇ؟‏

  • ياكى باشقا بىرىنىڭمۇ؟‏

مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ

‏«پۈتۈن دۇنيا يامان بولغۇچىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىدۇر».‏ —‏ يوھاننىڭ 1-‏خېتى 5:‏19‏.‏

‏«خۇدانىڭ ئوغلى .‏.‏.‏ ئىبلىسنىڭ ئىشلىرىنى يوقاتقاي».‏ —‏ يوھاننىڭ 1-‏خېتى 3:‏8‏.‏

بۇنى بىلىش سىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك

دۇنيادىكى قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز.‏ —‏ ۋەھىي 12:‏12‏.‏

بۇ دۇنيانىڭ ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىپ ياخشىلىنىشىغا ئىشەنچ قىلالايسىز.‏ —‏ يوھاننىڭ 1-‏خېتى 2:‏17‏.‏

مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارغا راستتىنلا ئىشىنەلەيمىزمۇ؟‏

شۇنداق،‏ ئىشىنىشنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ سەۋەبى بار:‏

  • شەيتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىتچىت قىلىنىشى مۇقەررەر.‏ يەھۋا ئاللىقاچان شەيتاننىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى قارار قىلغان.‏ ئۇ ‹ئىبلىسنى.‏.‏.‏ يوقىتىپ›،‏ شەيتان پەيدا قىلغان بارلىق ۋەيرانچىلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.‏ —‏ ئىبرانىيلارغا 2:‏14‏.‏

  • خۇدا بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئەيسا مەسىھنى تاللىغان.‏ ئەيسا مەسىھ بۇ دۇنيانىڭ ھازىرقى شەپقەتسىز،‏ شەخسىيەتچى ھۆكۈمرانىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.‏ مەسىھنىڭ پادىشاھ سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ھەققىدە،‏ خۇدا شۇنداق ۋەدە بەرگەن:‏ «ئىچ ئاغرىتار ئۇ ئاجىز يوقسۇللارغا،‏ .‏.‏.‏ ئۇ خالاس قىلار زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن ئۇلارنى» دەپ ۋەدە بەرگەن.‏ —‏ زەبۇر 72:‏13،‏14‏.‏

  • خۇدا يالغان ئېيتالمايدۇ.‏ مۇقەددەس كىتاب ناھايىتى ئېنىق قىلىپ:‏ ‹خۇدا يالغان ئېيتالمايدىغان› خۇدادۇر دەپ ئېيتىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 6:‏18‏)‏.‏ يەھۋا بىرەر ئىشنى قىلىشنى ۋەدە قىلسا،‏ ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى شەكسىزدۇر!‏ (‏يەشايا 55:‏10،‏ 11‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ ‹بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى .‏.‏.‏ تاشقىرىغا تاشلىنىدۇ›.‏ —‏ يۇھاننا 12:‏31‏.‏

ئويلاپ كۆرۈڭ

بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغاندىن كېيىن،‏ بۇ دۇنيانىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟‏

مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ:‏ زەبۇر 37:‏10،‏11 ۋە ۋەھىي 21:‏3،‏4‏.‏