مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟‏

خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟‏

سىزنىڭچە ئۇ .‏ .‏ .‏

  • كىشىلەر قەلبىدىكى ھېس-‏تۇيغۇمۇ؟‏

  • كۆچمە مەنىدە ئېيتىلغان سۆزمۇ؟‏

  • ئەرشتىكى بىر ھۆكۈمەتمۇ؟‏

مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ

‏«ئاسمانلارنىڭ تەڭرىسى ئەبەدكىچە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى قۇرىدۇ».‏ —‏ دانىيال 2:‏44‏.‏

‏«مۇنىڭ ئۆزىگە سەلتەنەت،‏ [ئولۇغلۇق] ۋە پادىشاھلىق بېرىلدى .‏.‏.‏ ئۇنىڭ سەلتەنىتى ئەبەدكىچە قېلىپ ھەرگىز يوقالمايدىغان سەلتەنەت بولىدۇ ۋە پادىشاھلىقى ھېچ بۇزۇلمايدۇ».‏ —‏ دانىيال 7:‏14‏.‏

بۇنى بىلىش سىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك

  • ئادىل ھۆكۈمەت سىزنى پايدا-‏مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.‏ —‏ يەشايا 48:‏17،‏18‏.‏

  • كەلگۈسى يېڭى دۇنيادا،‏ تۇرمۇش شاد-‏خۇرام ۋە تەن مۇكەممەل ساغلام بولىدۇ.‏ —‏ ۋەھىي 21:‏3،‏4‏.‏

مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارغا راستتىنلا ئىشىنەلەيمىزمۇ؟‏

شۇنداق،‏ ئىشىنىشنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئىككى سەۋەبى بار:‏

  • ئەيسا پەيغەمبەر خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ نېمىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.‏ ھەزرىتى ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە،‏ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى ۋە خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن (‏مەتتا 6:‏9،‏ 10‏)‏.‏ ئەيسا شۇ دۇئانىڭ قانداق ئىجابەت بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.‏

    يەر يۈزىدە ياشىغىنىدا،‏ ئەيسا مەسىھ ئاچ قورساقلارنى تويدۇرغان،‏ كېسەلنى ساقايتقان ۋە ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەن!‏ (‏مەتتا 15:‏29–‏38؛‏ يۇھاننا 11:‏38–‏44‏)‏.‏ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كەلگۈسى ھۆكۈمدارى بولۇش سۈپىتىدە،‏ ئەيسا شۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۆز پۇقرالىرى ئۈچۈن نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنىڭ گۈزەل بىر مەنزىرىسىنى ئالدىن كۆرسەتكەنىدى.‏—‏ ۋەھىي 11:‏15‏.‏

  • دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پات-‏ئارىدا كېلىدىغانلىقىنى تەستىقلىماقتا.‏ ئەيسا پەيغەمبەر،‏ پادىشاھلىق يەر يۈزىگە تىنچلىق ئېلىپ كېلىشتىن سەل ئىلگىرى،‏ بۇ دۇنيادا ئۇرۇشلار،‏ ئاچارچىلىقلار ۋە يەر تەۋرەشلەر دېگەندەك بالايىئاپەتلەر بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارەت بەرگەنىدى.‏ —‏ مەتتا 24:‏3،‏7‏.‏

    بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ۋەزىيىتىگە نەزەر سالساق،‏ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پات-‏يېقىندا ئاشۇ بارلىق قىيىنچىلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز.‏

ئويلاپ كۆرۈڭ

خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا قانداق تۇرمۇش كەچۈرەرمىز؟‏

مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ:‏ زەبۇر 37:‏29 ۋە يەشايا 65:‏21–‏23‏.‏