مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

ئازاب-‏ئوقۇبەتلەر بىر كۈنى تۈگەرمۇ؟‏

ئازاب-‏ئوقۇبەتلەر بىر كۈنى تۈگەرمۇ؟‏

سىزنىڭچە .‏ .‏ .‏

  • تۈگەيدۇ؟‏

  • تۈگىمەيدۇ؟‏

  • بەلكىم تۈگەر؟‏

مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ

‏«خۇدا .‏.‏.‏ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ھەر ياشنى ئېرتىدۇ ۋە ئۆلۈم يەنە بولمايدۇ ۋە غەم يا پەرياد ۋە يا ئاغرىق يەنە بولمايدۇ».‏ —‏ ۋەھىي 21:‏3،‏4‏.‏

بۇنى بىلىش سىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك

شۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالايسىزكى،‏ قىيىنچىلىقلىرىمىزنى خۇدا پەيدا قىلغان ئەمەس.‏ —‏ ياقۇپ 1:‏13‏.‏

ئازاب-‏ئوقۇبەت چەككىنىمىزدە،‏ خۇدانىڭ ھېسسىياتلىرىمىزنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلىش سىزگە تەسەللىي بېرىدۇ.‏ —‏ زەكەرىيا 2:‏8‏.‏

بارلىق ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنىڭ چوقۇم تۈگەيدىغانلىقىغا ئۈمىد باغلىيالايسىز.‏ —‏ زەبۇر 37:‏9–‏11‏.‏

مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارغا راستتىنلا ئىشىنەلەيمىزمۇ؟‏

شۇنداق،‏ ئىشىنىشنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئىككى سەۋەبى بار:‏

  • خۇدا ئازاب-‏ئوقۇبەت ۋە ئادالەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدۇ.‏ قەدىمقى زاماندا خۇدا خەلقى شەپقەتسىزلەرچە ئېزىلگەندە،‏ يەھۋا خۇدانىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.‏ مۇقەددەس كىتاب:‏ دۈشمەنلىرى سالغان زۇلۇمدىن،‏ خۇدا ‹ئۇلارنىڭ ئاھ ئۇرۇپ.‏.‏.‏ قىلغان پەريادىنى ئاڭلاپ ئىچى ئاغرىدى› دەيدۇ.‏ —‏ ھاكىملار 2:‏18‏.‏

    باشقىلارغا زۇلۇم قىلىدىغانلار خۇدانىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ ئاغرىتىدۇ.‏ مەسىلەن،‏ مۇقەددەس كىتاب:‏ ‹ناھەق قان تۆكىدىغان قوللار›،‏ خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىك دەيدۇ.‏ —‏ پەندى-‏نەسىھەت 6:‏16،‏17‏.‏

  • خۇدا ھەربىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ ئادەملەر ‹ھەربىرى ئۆز كۆڭۈل دەردىنى بىلىپ› قالماي،‏ بەلكى يەھۋا ھەم دەردلىرىمىزنى چۈشىنىدۇ.‏ —‏ تارىخنامە 2-‏يازما 6:‏29،‏30‏.‏

    ئۆز پادىشاھلىقى ئارقىلىق،‏ يەھۋا پات ئارىدا ھەربىر كىشىنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەتلىرىنى تۈگىتىدۇ (‏مەتتا 6:‏9،‏10‏)‏.‏ شۇ كۈن يېتىپ كەلگىچە،‏ ئۇنى جان-‏دىلى بىلەن ئىزدىگەنلەرگە ھازىرنىڭ ئۆزىدە مېھرىبانلىق بىلەن تەسەللىي بېرىدۇ.‏ —‏ ئەلچىلەر 17:‏27؛‏ كورىنتلىقلارغا 2-‏خەت 1:‏3،‏4‏.‏

ئويلاپ كۆرۈڭ

نېمە ئۈچۈن خۇدا ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرگە يول قويىدۇ؟‏

مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ:‏ رىملىقلارغا 5:‏12 ۋە پېترۇسنىڭ 2-‏خېتى 3:‏9‏.‏