سەگەك تۇرۇڭلار!
ئارماگېدون ئىسرائىل زېمىنىدا باشلىنامدۇ؟ مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
مۇقەددەس كىتاب ئارماگېدون ئۇرۇشىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەمەس، بەلكى خۇدا بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدا بولىدىغان ئۇرۇش دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
«بۇ ۋەھىيلەر ئەسلىدە جىنلاردىن كەلگەن بولۇپ، ... پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈنىدە بولىدىغان ئۇرۇش ئۈچۈن توپلاشقا چىقىدۇ. ... ئۇلار دۇنيادىكى پادىشاھلارنى ئىبرانىيچە ئارماگېدون دەپ ئاتىلىدىغان يەرگە توپلىدى».—ۋەھىيلەر 16:14، 16.
ئارماگېدون سۆزى «ھار-مېگىددون» دېگەن ئىبرانىي سۆزىدىن كېلىپ چىققان. بۇ سۆزىنىڭ مەنىسى «مېگىددو تېغى». مېگىددو قەدىمقى ئىسرائىل زېمىنىدىكى بىر شەھەر بولغان. شۇڭا، بەزى كىشىلەر ئارماگېدون ئۇرۇشىنى ئىسرائىل زېمىنىدا يۈز بېرىدۇ دەپ ئويلىشىدۇ. بىراق، مېگىددونىڭ ئەتراپى ياكى ئوتتۇرا شەرقتىكى ھېچقانداق بىر جاي پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي قوشۇنلىرىنى سىغدۇرالىغۇدەك كەڭ ئەمەس.
ۋەھىي كىتابى «سىمۋوللۇق» تىلدا يېزىلغان (ۋەھىيلەر 1:1). شۇڭا، ئارماگېدون يەر يۈزىدىكى مەلۇم بىر جاي ئەمەس، سىمۋوللۇق جاي. بۇ «دۇنيادىكى پادىشاھلار» خۇدانىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭگە چىقىش ئۈچۈن جەم بولىدىغان دۇنياۋىي ۋەزىيەتنىڭ سىمۋولى.—ۋەھىيلەر 19:11–16، 19–21.